ناۋا 11-سان
سەركار شىركىتىنىڭ 2017-يىللىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-27
كۆرۇلشى :
قىتىم

     
     

     

    كارۋان تورى مەخسۇس خەۋىرى:

    2016-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ سەركار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ 2017-يىللىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەرەمباغ شەنبە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاتاقلىق رىياسەتچى جۇشقۇن جۈمە رىياسەتچىلىك قىلدى.
     


    بۈگۈنكى ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنىغا دىيارىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئىقتىساد ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلار، ھەر قايسى ساھەدىكى داڭلىق كارخانىچىلار، زاۋۇت تەرەپ رەھبەرلىرى، سەركار شىركىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرى، ھەمكارلاشقۇچىلىرى شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
     


    شىنجاڭ سەركار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇۋارىس تۇرسۇن ئەپەندىم ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىچىككىنە مۇلازىمەت دۇكىنىدىن ھازىرقىدەك كۆلەملەشكەن شىركەتكە ئايلىنىش جەريانىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى :

    شىركىتىمىزنىڭ ئۆتكەن يىلقى مۇشۇ كۈنلەردە تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى يىغىلىش بولغان ئىدى، بۈگۈنمۇ يەنە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بۇ بىر يىلنىمۇ تۈگىتىش ئالدىدا تۇرىمىز، خۇلاسىلىساق بۇ بىر يىل سەركار ئۈچۈن بوران-چاپقۇندىن كىيىنكى ئۇچۇق ھاۋادەك بىر يىل بولدى، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە خۇشاللىق ئىشلار بىزنى تەڭ يوقلاپ ئۆتتى، قىيىنچىلىقلار ئىرادىمىزنى تېخىمۇ تاۋلىدى، خۇشاللىقلار بىزگە تېخىمۇ مەدەت بەردى، قىسقىسى بۇ بىر يىل جەريانىدا مەن يەلكەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.

    شىركىتىمىز بۇ بىر يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا يۇلۇققان بولسىمۇ، ئىزچىل داڭلىق ماركا، يۇقىرى سۈپەت ئەندىزىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇلارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىدىم :
     


    1. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە زور دەىجىدە چېكىنىش بولۇپ نۇرغۇن شىركەت،كارخانىلار كەينى كەينىدىن ناھايىتى قىيىن سىناقلارغا دۇچ كەلدى، شىركىتىمىزنىڭ ئوبوروتىدىمۇ ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا تۆۋەنلەش يۈز بەردى، مۇشۇ پەيتىلەردە شىركىتىمىز باشقۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، بازار تەكشۈرۈش، تۈر ئىچىش جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يەنى بۇ بىر يىلدا ئىلگىرى ھەمكارلاشقۇچى بولمىغان يەتتە رايوندا يېڭىدىن زەنجىرسىمان دۇكانلارنى قۇرۇپ. سېتىش نۇقتىلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى باش سېتىش مەيدانىمىزنى ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق، بىۋاسىتە مەبلەغ سىلكىپ تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بىۋاسىتە سېتش دۇكانلىرىنى قۇرۇپ شىركىتىمىزنىڭ 2017-يىللىق بىۋاسىتە دۇكان بىلەن ئەزا دۇكانلارنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش سېتىراتىگىيىلىك پىلانىغا ناھايىتى پۇختا ئۇل سالدى.

    2. بۇ بىر يىل جەريانىدا دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىدە تەلەپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا مال يېتىشمەسلىك، مال باھاسى ئۆرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، شىركىتىمىز سېلىنما مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ۋە يېڭى ماركا، يېڭى مەھسۇلارتلارنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇ خىل بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىگە ئاساسى جەھەتتىن ئۇچرىماي نورمال تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    3. مۇلازىمەت جەھەتتە، شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ ئەلا مۇلازىمەت ۋەدىسى بۇيىچە مۇلازىمەت مەركىزىگە سېلىنما مەبلەغنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، ئەسلىدىكى مۇلازىمەت بۆلۈمىدىن، كەسپىي خادىملىرى تولۇق بولغان مۇستەقىل مۇلازىمەت مەركىزىگە كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇردى، مەخسۇس زاپچاس ئامبىرى قۇرۇپ زاپاس سانىنى ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيتتى، بۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەت سۈرئىتىنى ۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

    بۇ نەتىجىلەرنى يەنىلا شىركىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ ھەمكارلاشقۇچىلاردىن ۋە بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۈگۈن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەركارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ھەربىر ھەمكارلاشقۇچىلىمىزغا، خىزمەتچىلىرىمىزگە، شۇنداقلا بىزگە يۇقىرى باھالار تەكلىپ پىكىرلەرنى، بېرىپ كېلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    شىركىتىمىزنىڭ 2017-يىللىق تەرەققىيات سېتىراتىگىيىسى بولسا «بىۋاسىتە دۇكان ئارقىلىق شىركەتنى يۈرۈشتۈرۈش، ۋاكالەتچىلەرگە پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق ۋاكالەتچىلەرنىڭ قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىش».

    يەنى شىركىتىمىز داۋاملىق ھالدا بىۋاسىتە سېتىش مەيدانلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ مال كىرگۈزۈش باھاسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ، سودا پەسلىگەن قېيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، چۈنكى شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    شىركىتىمىز مۇلازىمەت ئەندىزىسى جەھەتتە ياپونىيە كارخانىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شىركەتنىڭ مۇلازىمەت يۆنىلىشىنى ۋە نىشانىنى ئېنىق بېكىتتى، كەلگۈسىدە شىركىتىمىزنىڭ ھەر قايسى مۇلازىمەت ھالقىلىرىدا ياپونىيە كارخانىلىرىغا ئوخشاش ھەيران قالارلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يارىتىشقا بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. دىيارىمىزغا خاس ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى زەنجىرسىمان سېتىش ئۈلگىسىنى يارىتىش نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز !

    مەن شۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىمەنكى، شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەر قايسى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ تىرىشىش ئارقىسىدا تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى!!!
     


    بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك رىقابەت ۋە قىيىنچىلىق مەزگىلىدە سەركار شىركىتىنىڭ قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئىنتايىن تىز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەپ كۆزگە كۆرۈنگەن كۈچلۈك شىركەتكە ئايلىنىشى بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى قوزغايدۇ، بۇ ھەقتە سەركار شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاھىر مامۇت ئەپەندىم قىسقىچە توختالدى.
     


    ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەڭرىتاغ رايونلۇق يەككە خۇسۇسى كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ ئەپەندىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى.
     


    شىنجاڭ مەرىپەت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، مەرىپەت يۇقىرى دەرىجىلىك دىرېكتور تەربىيەلەش بازىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەرىپەت ياپونىيە سودا مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇدجان ئەلىي ئەپەندىم نۆۋەتتىكى كارخانىلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.
     

     

    شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەخمەتجان نورۇز ئەپەندىم سۆز قىلدى.
     

     


    تەبەسسۇم ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى يۈسۈپجان ئەپەندىم سۆز قىلدى.
     

     

    شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرونلۇق سودا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا پەنلىرى دوكتورى، بايرام شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى ئەپەندىم ئەنئەنىۋى تىجارەت شەكىلدىكى شىركەت ۋە دۇكانلارنىڭ ھاياتى كۈچى شۇنداقلا تور سودىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى .
     

     

    بۇ قېتىملىق يىغىندا گېلەنشې گۇرۇھىدىن ليۇخۈي ئەپەندىم، مىيدى گۇرۇھىدىن ياڭخەي ئەپەندىم، شاڭلىڭ گۇرۇھىدىن ياڭخەيفىڭ ئەپەندىم، شىيەندەي گۇرۇھىدىن خېجيەنيۈ ئەپەندىم، سامسۇڭ گۇرۇھىدىن ماشۆۋىن ئەپەندىم قاتارلىقلار قاتنىشىپ 2017-يىللىق مۇلازىمەت ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى.


    شىنجاڭ سەركار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇۋارىس تۇرسۇن ئەپەندىم شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىي قىلىش ئىشلىرىغا ئىزچىل ھەمدەمدە بولغان كارخانىچىلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن تون كېيدۈردى.


    باي ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، ئۈرۈمچى، بورتالا ناھىيەسى، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق سەركار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سېتىش ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىغا 2017 -يىللىق ھوقۇق بېرىلگەن تارماق دۇكانلارغا ھوقۇق ئېتىراپنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.
     


    سەركار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، داڭلىق ماركىلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى توپ تارقىتىش ۋە زەنجىرسىمان دۇكانلىرىدا پارچە سېتىشنى ئاساس قىلغان، زەنجىرسىمان سودا ئەندىزىسىنى قوللانغان شىركەت، 2008-يىلى گۈزەل بۆرتالا دىيارىدا ئاددىي بىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىش باشلاپ، 2013-يىلى باش شتابى ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەن، قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىنتايىن تېز ئىلگىرىلەپ، زەنجىرسىمان دۇكانلىرى ۋە مۇلازىمەت نۇقتىلىرى پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىغا كېڭەيگەن، يۇقىرى ساپالىق مۇنتىزىم ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا ئىگە بولغان، رايونىمىزدىكى كەسپىي ساھەدە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك غوللۇق شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

    سەركار شىركىتى گېلەنشى (GALANZ)، مىيدى (Midea)، شاڭلىڭ (SHANGLING) ۋە شيەندەي (HYUNDAI)، سەنشىڭ (SAMSUNG)، توشىبا (TOSHIBA) قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى باش ۋاكالەتچىسى ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى ئالاھىدە ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلارنى ھەر قايسى جايلاردىكى سەركار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى زەنجىرسىمان سودا مەيدانلىرىدا ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن خەلقىمىزگە سۇنماقتا.

    ھازىر سەركار باش شىركىتىدە 40 نەچچە خادىم، تارماق دۇكانلىرىدا 100 گە يېقىن خادىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ بېسىمىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلەتتى، سەركار شىركىتى بۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە خەلقىمىزنىڭ ۋە دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تىجارەتچىلەرنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا تونۇشى ۋە كۆز قارىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى، داڭلىق ماركىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىشىغا تۈرتكىلىك تېزلىتىش رولىنى ئوينىدى.
     


































فىلىم قىسىملىرى