ناۋا 11-سان
كىرىستال شىركىتى بىلەن ئېكران ساياھەت شىركىتى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-27
كۆرۇلشى :
قىتىم
     

     

     

    كارۋان تورى مەخسۇس خەۋىرى:

    2016-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تاشقى سودا سارىيىغا جايلاشقان مۇنبەر چايخانىسىدا ئۈرۈمچى كىرىستال شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئېكران خەلقئارالىق ساياھەت شىركىتى ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى، بۇ قېتىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ۋاكالەتچى ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ بولغان سودا پۇرسىتى ۋە سەرخىل مۇكاپاتلاردىن بەھرىلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

     

     

     

    ئۈرۈمچى كىرىستال سودا چەكلىك شىركىتى 2011-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ قىسقىغىنا 6 يىلدىن بۇيان سودىدا سەمىمىي ئادىل بۇلۇش، مەھسۇلاتلىرى ئىشەنچلىك سۈپەتلىك بۇلۇش، مۇلازىمەتتە ئەستايىدىل راستچىل بۇلۇش پىرىنسىپىنى ئۆزىگە نىزامنامە قىلغانلىقى ئۈچۈن مەھسۇلاتلىرى ئىزچىل تۈردە خەلقىمىز قىزغىن ياقتۇرىدىغان شۇنداقلا تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بازارلىق مەھسۇلاتلارغا ئايلاندى. شۇ جەرياندا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كۈنسايىن زورايدى. كىرگۈزگەن مەھسۇلاتلار سۈپەت ۋە ئىناۋەت جەھەتتە زور تەسىرگە ئىگە بۇلۋاتقان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئالاقە تورى شەكىللەندۈرگەن، خەلقنىڭ قوللىشى ھەم ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، كۈنسېرى راۋاجلىنۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي، تىرىشچان خىزمەتچىلەردىن تەركىب تاپقان مىللىي كارخانىلارنىڭ بىرى.
     


    ئېكران خەلقئارالىق ساياھەت چەكلىك شىركىتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئۆلكە شەھەرلەرگە ساياھەت تەشكىللەش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن ئورۇن بولۇپ، شىركەت قۇرۇلغان نەچچە يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمانچە ئۆمەك تەشكىللەشتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن تۈركىيە دۈبەي ۋە كىشىنى مەپتون قىلىدىغان گۈزەل ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ساياھەت ئۆمەكلىرىنى تەشكىللەپ، رەڭدار ساياھەت سەپىرىدىكى ياخشى ھەمراھقا ئايلاندى.

    بۇ ئىككى شىركەت ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈللۈك تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.
     


    كىرىستال ئېزىي سوفت ھەققىدە

    كىرىستال ئېزىي سوفت بولسا، گېرمانىيە يۇنىكوف يېڭىلىق يارىتىش پاي چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان كىرىستال سودا چەكلىك شىركىتىمىز پاتېنت ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ دۇنيا بازىرىغا سېلۋاتقان ئالاھىدە مەھسۇلات. ھېچقانداق ئاغرىتماي تۈك تازىلاش مەھسۇلاتى، پەقەتلا يېنىكلا سۈرتسەك تازىلىماقچى بولغان ئورنىمىزنى ئىنتايىن سىلىق ھالەتتە تۈكلەرنى ۋە تېرىلەرنى تازلىيالايمىز. بۇ جەرياندا ھېچقانداق مازغاپ، توك ۋە سۇ ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، مەھسۇلاتقا ئىشلەتكەن ئالىي دەرىجىلىك مىكرو كىرىستال ئۆزەكچە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، تېرە يۈزىدىكى تۈكلەرنى ئاستا-ئاستا سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئىنچىكە تۈكلەر تۈپ يىلتىزىدىن تازلىنىپ تېخىمۇ يۇمران، تېخىمۇ پارقىراق كۆرۈنىدۇ، ھەتتا داۋالاش ئۈنۈمىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.

    ئاساسلىق ئىشلىتىش ئورنى-پۈتۈن بەدەننىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ(ئەر–ئاياللارنىڭ پۇت، قول، بىلەك، يۈز، قولتۇق ئاستى ۋە ئالاھىدە ئورۇنلارغا ئىشلىتىلىدۇ). مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھېچقانداق ئاغرىتمايلا پاكىز تازىلاش ئۈنۈمىگە يېتەلەيمىز.

    كىرىستال ئېزىي سوفت قولاي تۈك تازىلاش مەھسۇلاتى بىلەن ئارتۇقچە تۈكلەرنى ئاغرىتمايلا تازىلىغىلى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ يۈز، بىلەك، پۇت ۋە قولتۇق ئاستى ۋە شەخسى ئورۇنلارغا ئىشلەتسە ئۆلگەن تېرىلەرنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ، ئاياللارغا يىپەكتەك يۇمشاق تېرە ئاتا قىلىدۇ.
     


    كىرىستال ئىزى سوفت نۆۋەتتە ئىستىمالچىلىرىمىز كۆپ ئىشلىتىۋاتقان ئەنئەنىۋى تۈك تازىلاش ئۇسۇللىرىدىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە، ھازىر ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان تۈك تازىلاش ئۇسۇلى، تىغلىق ئەسۋابلاردا ئېلىش، تۈك تازىلاش مەلھىمىدە تۈكلەرنى كۈچلۈك رېئاكسىيە بىلەن ئېرىتىپ تازىلاش، توكلۇق ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا يۇلۇپ تازىلاش ئۇسۇلى، تۈك تازىلاش مەلھىمىنىڭ تېرىلەرگە ئىنتايىن كۆپ ئەكس تەسىرى بار، ھەرخىل تىغلىق ئۈسكۈنىلەردە ئالغاندا بولسا تۈك دائىرىسىنى ناھايىتى كېيىتىۋېتىش بىلەن تۈك يىلتىزىنى چوڭايتىپ كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ، يۇلۇپ تۈك تازىلاش بولسا كىشىنى ئەڭ قىينايدىغان تۈك تازىلاش ئۇسۇلى، كىرىستال ئېزىي سوفت نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ ئىلغار بولغان تۈك تازىلاش مەھسۇلاتى، مەھسۇلاتنىڭ تەركىبى ۋە قولايلىقلىقى خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى، كىشىنى دەسلەپتە ئەڭ خۇش قىلىدىغىنى بەدەنگە ھېچقانداق سېزىم بەرمەي ئاغرىتماي تۇرۇپ تۈك چۈشۈرۈپ ئىنتايىن يۇمران، گۈزەل بولغا تېرىگە ئىگە قىلىشى، ئۇنىڭدىن قالسا ئەڭ قايىل قىلىدىغىنى مەھسۇلاتقا ئشىلىتىلگەن يۇقىرى تېخنىكا.
     



     

     



     

     









     







فىلىم قىسىملىرى