ناۋا 11-سان
شانئال ئەقلىي زىياپىتى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-27
كۆرۇلشى :
قىتىم

       
       كارۋان تورى تورى مەخسۇس خەۋىرى:

    2016-يىلى 25-26-دېكابىر 2016-يىللىق «شانئال ئەقلىي زىياپىتى» خەلقئارا چوڭ بازار پائالىيەت مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ئەقلىي زىياپەتتە رايونىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىساد پەنلىرى تەتقىقاتچىلىرى، شۇنداقلا شانئال ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى لېكسىيە سۆزلەپ، زىياپەتكە قەدەم تەسرىپ قىلغانلارغا ناھايىتى مول بىلىملەرنى يەتكۈزدى.

    ئالدى بىلەن سۇلايمان ئىسلام مۇئەللىم شانئال ئەقلىي زىياپىتىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.


    ئاندىن كېيىن، مۇھەممەت توختى مۇئەللىم 2017- يىللىق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش تېمىسىدا دەرس سۆزلىدى.
     


    ئارقىدىن، قەھرىمان ئەمەت مۇئەللىم 2017- يىللىق مالىيە پىلانى توغرىسىدا دەرس سۆزلىدى.
     

     
    شانئال مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن رۇسۇل خانىم رايونىمىدىكى كارخانىلارنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ شانئالدەك بىر سەھنىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقانلىقىنى، ۋە شانئالنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا شۇ كارخانىلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
     

    كەچتە مەملىكىتىمىز بويىچە ئاخباراتىچىلار سېپىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات «چاڭجياڭ تاۋفىن مۇكاپاتى» ساھىبى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم مۇئەللىمنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم مۇئەللىم دىيارىمىز تەۋەسىدىلا ئەمەس مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇخبىر بولۇپلا قالماي كارخانىچىلىرىمىز ئۈچۈن ئىزدەنگەن، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىلەرنى يازغان، ئۇلارنى تونۇتقان ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىرى. «چاڭجياڭ تاۋفىن مۇكاپاتى» ئېلىمىز ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي شان شەرەپ.

    26-دېكابىر مۇتەخەسىسلەر بىلەن كارخانىچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇزاكىرە پائالىيتى بولۇپ، كارخانا ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلاربىلەن كارخانىچىلار ئوتتۇرىسىدا ئەڭ قىسقا ئارىلىق قالدۇرۇپ، كارخانىچىلار يولۇققان مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ھەل قىلىش مەقسىتىگە يېتىش شۇنداقلا داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا قۇلاق سېلىش ۋە ئۆزئارا ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

    شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى 2006-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قورۇلغان، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە مەخسۇس قوش تىلدا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە تىللاردا جەمئىي 85 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2010-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا باشقۇرۇش لىدىر تەربىيەلەش سىنىپىنى ئاچتى. 2013-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپىگە «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇش تۈرى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، بۇ مەكتەپ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشتىكى «ۋاكالىتەن تەربىيەلەش بازىسى» بولۇپ قالدى.

    مەكتەپتە ھازىر 100 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ، نۆۋەتتە «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك سودا باشقۇرۇش لىدىر تەربىيەلەش»، «كارخانا باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش»، «مالىيە باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش»، «خادىملار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش»، «خېرىدارلار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش»، «كارخانا خادىملىرىنى تەربىيەلەش»، «ئىگىلىك باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش»، «تاماقخانا ۋە رېستوران مۇلازىمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش»، «ئىناق ئائىلە ۋە بەختىيار ھايات بويىچە تەربىيەلەش» قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ئوقۇتۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىچىلارنى بىر يەرگە توپلاپ بايلىقلاردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان سەھنە ياراتتى.

    مەكتەپ بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېزىلارغا چۈشۈپ يېزا-كەنت ئاھالىلىرىگە «تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بەختىيار ياشاش» توغرۇلۇق ھەقسىز لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇردى، «سامانيولى تەربىيەلەش» تۈرى بويىچە كارخانىچىلارنى ھەقسىز تەربىيەلەپ مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

    مەكتەپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئۇزۇن مۇددەت كارخانىچىلىق ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان پىروفېسسور ۋە داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلارنى تەكلىپ قىلىپ خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئوقۇتۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، دەرس ئۆتۈشتە ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىش، تەقلىدى كارخانا قۇرۇپ رول ئېلىپ ئويناش، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نەق مەيداندا ھەل قىلىش، كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتتى.

    ھازىر شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا، كەڭ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

    مەكتەپ توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولساڭلار ئۈندىدار سالونى ۋە مەكتەپ تور بېتىدىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىپ تۇرغايسىلەر.

    ئۈندىدار ئىزدەش نومۇرى: shan_al ياكى 新疆善乐创业职业培训学校

    تور بەت ئادرېسى: www.shan-al.com ، www.shanal.cn

فىلىم قىسىملىرى