ناۋا 11-سان
مىڭ بىر ھېكايىلەر «مىڭ بىر قازان»دا
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-27
كۆرۇلشى :
قىتىم

                     مىڭ بىر ھېكايىلەر «مىڭ بىر قازان»دا









     
          «مىڭ بىر قازان » ئۆزگىچە تائاملار سارىيى 2016- يىلى سېنتەبىردە تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، تاماق تۈرى مول، تەمى يىيىشلىك ، مۇھىتى يېقىشلىق، مۇلازىمىتى ئەلا بۇلۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىپ، شەھىرىمىز ئىچى - سىرتىدىكى مېھمانلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
        ھەممىمىزگە مەلۇم، تاماقخانا ئېسىل تائاملىرىدىن باشقا يەنە ئارام بەخش ۋە ئۆزگىچە مۇھىتى بىلەنمۇ خېرىدارلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.
         ئالاھىدە ھەم  قويۇق سانائەت سەنئىتى تۈسىنى ئالغان «مىڭ بىر قازان »ئۆزگىچە تائاملار سارىيى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بۇلالايدۇ. «مىڭ بىر قازان » ئۆزگىچە تاماقخانىسى مۇشۇ كەسىپنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ كەلمەكتە .
    يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيىسى،  ئىنچىكە پىلانلىشى ئاستىدا روياپقا چىققان «مىڭ بىر قازان »ئۆزگىچە تائاملار سارىيىغا كىرىش بىلەنلا دىققەتنى تارتىدىغان ھەرخىل چىراقلار بۇ تاماقخانىغا ئالاھىدە تۈس قوشۇپ كىشىدە ئاجايىپ ئۇنتۇلغۇسىز تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ . تورۇسقا ئېسىلغان بۇ چىراققا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللاردىن  تارتىپ تاماقخانىنىڭ ھەربىر ئىنچىكە بېزىلىشىدىن _ پۈتۈنلەي سانائەت سەنئىتى تۈسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.  ئۆتمۈشنى ئەسلىتىدىغان تېلېۋىزور، ئورۇندۇق قاتارلىقلار بولسا بېزەك ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.
    بۇ تاماقخانىغا ئىشلىتىلگەن بېزەكلەرنىڭ ھەممىسى تاشلاندۇق نەرسىلەرنى سەنئەتلەشتۈرۈپ بەدىئىيلىكىنى يوقىرى كۆتۈرگەندىن باشقا يەنە سودا يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ بۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىدا مۇھىت ئاسراشنى باش مەقسەت قىلغان.
    بۇ ئاددىيلا بېزەكچىلىك ئۇسلۇبى بولماستىن، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ ، بايلىق مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى يارقىن نۇقتا دېيىشكىمۇ بولىدۇ .
          تاماقخانىدا ئىشلىتىلگەن ئاشخانا جابدۇقلىرى ۋە بېزەشكە ئىشلەتكەن ماتىرىياللاردىن كۆرىۋالالايمىزكى، تاماقخانا بېزىكى سانائەت سەنئىتى تۈسىنى ئالغاندىن باشقا، قەدىمىي تۇرمۇش ئىزنالىرىنى قالدۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ ئارقىلىق ھەشەمەتچىلىكنى ئەمەس بەلكى ئاددىيلىقنى تەشەببۇس قىلىشتەك ئىدىيەنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.
        شەھىرىمىزدە كەم ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە بېزەكچىلىك تۈسىنى ئالغان ۋە كەسپىي مۇزىكا ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن ناخشا مۇزىكىلار جەمگاھى تۈرلۈك تۇرمۇش بېسىمى، خىزمەت بېسىملىرىدىن چارچىغان كىشىلىرىمىزنىڭ روھىنى يەڭگىللىتىپ بەھۇزۇر بىر ۋاخ غىزالىنىشىغا، چايدىن بىر ئوتلام ئوتلىغاچ يېقىشلىق مۇھىتتىن، شوخ، لەرزان مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلىنىشىغا تولۇق شارائىتلارنى ھازىرلىغان.  
          ئەلۋەتتە يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك بۇنچە يېقىشلىق مۇھىتنى ھازىرلىغان«مىڭ بىر قازان»ئۆزگىچە تاماقخانىسىنىڭ ئالاھىدە تائاملىرى ھەر قايسى مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى . «مىڭ بىر قازان» تاماقخانىسىنىڭ تائام تۈرى كۆپ بولۇپ ئالاھىدە تائاملىرىدىن «تەلۋە توخو قورۇمىسى»«تەلۋە ئۆدەك قورۇمىسى»«رايىش توخو قورۇمىسى»«رايىش ئۆدەك قورۇمىسى »قاتارلىقلار بار. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى تائاملارغا قۇيۇلغان «تەلۋە»«رايىش»سۆزلىرى قورۇمىنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسىگە قارىتا قۇيۇلغان سۈپەت سۆزلىرىدىن ئىبارەت. قورۇمىلار ئاچچىقلىق دەرىجىسى بۇيىچە جەمئىي 5 دەرىجىگە بۆلۈنگەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 5- دەرىجە ئەڭ ئاچچىق ھېسابلىنىدۇ. ئاچچىقنى ئانچە بەك يەپ كەتمەيدىغان ئادەتتىكى خېرىدارلارغا بولسا ئاساسلىق 2- دەرىجىلىك قورۇمىلار چىقىرىلىدۇ. تاماقخانىدىكى قورۇمىلارنىڭ تەمى ئۆزگىچە بۇلۇپ، تەم _ دىيارىمىز كىشىلىرىنىڭ ئىستىمال ئادىتىگە ماس كېلىدۇ . خۇرۇچلار پاكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئەكەلدۈرۈلگەن.
    بۇنىڭدىن باشقا تاماقخانىنىڭ ئوخشىغان بېلىق قورىمىسىمۇ ئاللىقاچان خېرىدارلار ياقتۇرۇپ غىزالىنىدىغان ئالاھىدە قورۇمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. يەنە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى «مىڭ بىر قازان» تاماقخانىسى شىنجاڭغا تۇنجى بۇلۇپ «ئايلانما تاللا ساماۋەر شورپىسى»نى باشلاپ كىرىپ ئامما بىلەن تۇنجى ئۇچراشتۇرۇشتەك كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان.  نۆۋەتتە بۇ خىل ساماۋەر شورپىسى كۆپ خىل ئارتۇقچىلىقى بىلەن نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلىپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەپتە ئارلىقىدا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان 18يۈەنلىك چۈشلۈك تاللا تامىقىمۇ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرزان باھادا تەملىك ۋە قۇۋۋەتلىك غىزالىنىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
    پات ئارىدا كونا ۋە يېڭى خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈس ئالدىدا تۇرغان غەرىبچە تائاملارمۇ خېرىدارلارنىڭ ئۇنۋېرسال غىزالىنىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.
          تاماقخانىنىڭ ئاشخانا سېخى خېرىدارلارغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن بۇلۇپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ئاشخانا سېخىنى بىمالال نازارەت قىلىپ، پاكىزە غىزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇ ئورۇندا گاز ئىشلەتمەستىن، مۇھىت ئاسراشنى مەقسەت قىلىپ خېرىدارلارنىڭ ئىس - تۈتەكسىز، شاۋقۇنسىز ھالەتتە بەھۇزۇر غىزالىنىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىغان.
         «مىڭ بىر قازان» تاماقخانىسىنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى ھەممىدە ئالاھىدە بولۇش بولۇپ، تاماق تېزىملىكى جەھەتتىمۇ يېڭىلىق ياراتقان. تاماق تىزىملىكى ئاددىي ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، خېرىدارلار ئىككىنچى قېتىم «مىڭ بىر قازان» تاماقخانىسىغا كەلگىنىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان تاماق تىزىملىكىنى كۆرەلەيدۇ ئۇنىڭدىن سرت ھېيىت - بايرام ياكى ئالاھىدە كۈنلەردە شۇ ئالاھىدە كۈنگە ماس بولغان رەسىم ، تەبرىك سۆزى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تىزىملىكنىڭ مۇقاۋىسىگە ماس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇ، يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولسا، ئاشخانىغا ئىشلىتىلگەن چەينەك، چوكا،تەقسىدىن تارتىپ ئۆزگىچە خاسلىق ياراتقان بولۇپ،  خېرىدارلارنى خۇش قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇلازىمەتنى ئەلا بىلىش ، تاماق تىزىملىكىنى ئۆزگىرىشچان قىلىش، ئاددىيلىققا يۈرۈش قىلىش ۋە خاسلىق يارىتىش قاتارلىق مۇلازىمەت پىرىنسىپىنى نامايان قىلغان.
           « مىڭ بىر قازان » تاماقخانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى مەرتىۋىگە ئېرىشىشى ____ باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمى ، جۈملىدىن  ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ مۇلازىمەتنى ئەلا بىلىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە خېرىدارلار ئۈچۈن بەجانىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
           « مىڭ بىر قازان » تائاملار سارىيى غۇلجا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەت شەھەرلەردە ئىتتىپاقداش دۇكانلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە شۇ يەردىكى خېرىدارلارنىڭمۇ ياىتۇرىشىغا ئېرىشكەن . « مىڭ بىر قازان » تائاملار سارىيى داۋاملىق ھالدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىتتىپاقداش دۇكان تەسىىس قىلىدۇ.
     
       سىز ئىزدەۋاتقان ئۆزگىچە تەم، سىز ئىزدەۋاتقان ئالاھىدە مۇھىت،  « مىڭ بىر قازان » تائاملار سارىيىدا

فىلىم قىسىملىرى