ناۋا 11-سان
ئەلمول بىيو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-26
كۆرۇلشى :
قىتىم




           ئابلىمىت مەمەت 1975-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى  ئاقسۇ شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1988-يىلى دادىسىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن ئوقۇشتىن چىكىنىپ،ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىپ،كىچىككىنە تۇرۇپلا  تۇرۇپلا تىجارەت يولىغا قەدەم باسقان، بىر تەرەپتىن جاپالىق تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز ئىنى سىڭىللىرىنى ئوقۇشتىن قالدۇرۇپ قويماي ئالىي مەكتەپلەرگىچە تولۇق ئوقۇتقان.مۇشۇنداق قاتمۇقات جاپا-مۇشەققەت ئاستىدا ئابلىمىت مەمەت قىلچىمۇ بوشىشىپ قالما،ئۈلۈكسىز ئون نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق2008-يىلى 6-ئايدا بىر مىلىيون يۈەن مەبلەغ سېلىپ <<ئاقسۇ ئەلمول يېزا ئىگىلىك ۋاستىللىرى شىركىتى>> نى قۇرۇپ چىققان.شىركەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ،خېرىدارلارنى سۈپەتلىق ۋە لاياقەتلىك ماللار بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
    شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىقتىسادى ئاجىز،خىزمەتچى خادىملىرى كەمچىل،خېرىدارلار مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرىمۇ ئاز ئىدى.شۇنداقتىمۇ شىركەت دېرىكتورى ئابلىمىتجان ۋە قېرىنداشلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازار ئۇچۇرىغا ھەمدە ئۆزىنىڭ تىجارەتتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارىغا تايىنىپ لاياقەتلىك ماللارنى تۇتۇپخېرىدارلارنى ۋە كەڭ خەلىق ئاممىسىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش نەتىجىسىدە ناھايىتى تېزلا ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ۋە كەڭ دېھقان ئاممىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.شۇنداقلا جاپادىن قورقماي ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە شىركەت كۈندىن-كۈنگەتەرەققى قىلىپ بۈگۈنكىدەك زور نەتىجىلەرتنى قولغا كەلتۈردى.
    2016-يىلى12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنڭ ئەلمول پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.ئابلىمىت مەمەت ھاياجان ئىلكىدە قپقىزىل لىنتىنى كەستى.ھەمدە ئىنتايىن خۇشاللىنارلىك ئىلكىدە ئىككى كەلقمە سۆز قىلدى.ئارقىدىنلا ئابلىمىت مەمەت باشچىلىقىدا تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلارنى زاۋۇتنىڭ ئشلەپ چىقىرىش ۋە ئوراپ قاچىلاش جەريانىنى ئېكىس كۇرسىيە قىلدۇردى.
    ھەمدە پائالىيەتكە كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى،ھەممەيلەن ئېچىلىش مۇراسىمىنى تەبرىكلەپ بولغاندىن كىيىن ئەزىز مېھمانلارغا كەڭ داستىرخان ھازىرلىدى  يىراقتىن كەلگەن ئەزىز ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىللە ھەمكارلىق پائالىيىتىگە داخىل بولدى.ئەلمول شىركىتى كەلگەن مېھمانلار مېننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆڭۈل سوۋغىللىرىنى بېرىشتى.بۈگۈن ئەلمول شىركىتىگە نىسبەتەن ئەھمىيەتلىك بىركۈن بولدى. بىز بۇنىڭدىن كىيىن ئەلمول شىركىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز ھەمدە كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

     


















فىلىم قىسىملىرى