ناۋا 11-سان
سەبىيلەر يېڭى يىل كېچىسى ئۆتكۈزدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-26
كۆرۇلشى :
قىتىم



     

           كارۋان تورى خەۋىرى:
           كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىل تەنتەنىلىك كۈتىۋىلىنىۋاتقان دەملەردە شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپى تەرەقىيات چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ھەرەمباغ شەنبىلىك كۇلۇبىدا «سەبىيلەر يېڭى يىل كېچىسى» ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەتكە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ رىياسەتچىسى ئادىلجان ئابدۇقېييۇم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

     




     
         
          تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ ئەپەندى، كارۋان مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى لۇتپۇللا ئازاد ئەپەندى، مىراس كىيىم كىچەك مەدەنىيىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى قەمىردىن مەمتېلى ئەپەندى، ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئوبۇل ھەسەن ئەپەندى ئۇنىڭدىن سىرت سەبىيلەر كەسپىي تەرەقىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەرقايسى رايونلاردىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە ھەرقايسى تاراتقۇ ۋەكىللىرى ئالاھىدە قاتناشتى.

     

     
         
          
    ئالدى بىلەن شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى مۇھەممەدجان ئابدۇكېرىم ئەپەندىم شىركەتنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بېسىپ ئۆتكەن تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

    مەن ئالدى بىلەن، شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتدىكى بارلىق ئىشچى –خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ھەرقايسىڭلارغا سەمىمىي سالام بېرىمەن ۋە قىزغىن ئېھتىرامىمنى بىلدۇرىمەن. مانا بۈگۈن بىز بىر يەرگە جەم بولۇپ بەرىكەتلىك ئىزدىنىش ۋە ئىجتىھات قوينىدا تامام ئەتكەن كونا يىلنى ئۇزىتىپ چەكسىز ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز.

    شىركىتىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتكىنىمىزدە ھەر قاچان كىشىنى خوشال قىلدىغان ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەر بىلەن خۇلاسە قىلىشقا تامامەن قادىرمىز. ئۆتكەن بىر يىلدا ،بىز ئەڭ ئالدى بىلەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ، ھەر دەرىجىلىك سودا -سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەۋزەل سىياسىتى ۋە ھەر تەرەپلىمە قوللىشىدىن ئىزچىل بەھرىمان بولۇش ئاساسىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردۇق.

    كەسىپداشلىرىمىزغا ، ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا مەلۇم ، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا بىز شىركىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ، ئەڭ زامانىۋىي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ___سانجى يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا < سەبىيلەر مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى > مىزنى تەنتەنىلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەندىن ئېتىۋارەن خەلقىمىز تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئۆز دىيارىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىشەنچىلىك ،شەكسىز قولايلىق ئۈگرىنى بىمالال ئىستىمال قىلىش شارائىتىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۆز دىيارىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان، شۇبھىدىن خالىي <سەبىيلەر قولايلىق ئۈگرىلىرى > تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبىي شىمالىدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەر يېتىپ باردى.نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 960 نەچچە يېزابازار،800 غا يېقىن مەمۇىي كەنتىنىڭ ھەممىسىدىلا<سەبىيلەر >ماركىسىدىكى قولايلىق ئۈگرىلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ۋە ھەرمىللەت ئىستىمالچىلار بەس-بەستە سېتىۋالىدىغان ئەۋزەل ۋەزىيەت شەكىللەندى.

    ھەرمىللەت ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىۋى ۋە ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ <سەبىيلەر>ماركىسىدىكى تۈرلۈك قاچىلىق ئۈگرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغانىدۇق.بۇ خىل مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ بازار ئەھۋالىدىمۇ كىشىنى خوشال قىلدىغان نەتىجە بارلىققا كەلدى .بىز بۇ يىل يەنە ، پۈتۈنلەي ماشىنلاشقان ، باشتىن –ئاخىرى ئاپتوماتلاشقان ،باشتىن-ئاخىر قول تەگكۈزۈلمەي ئىشلەپچىقىرىلدىغان سەبىيلەر قۇۋۋەت بۇلمىقىنى غەلبىلىك ئىشلەپچىقىرىپ ،ھەرمىللەت ئىستىمالچىلارنىڭ ۋە ھەر دەرىجە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالقىشى ۋە ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بولدۇق (شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى ، باشتىن-ئاخىر قول تەگكۈزۈلمەي ، پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقان ھالەتتە قولايلىق ئۈگرە ئىشلەپچىقىرىش ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە ئەمەس ، مەملىكەت بويىچىمۇ تۇنجى ئىشتۇر ).

    نۆۋەتتە ، زاۋۇتىمىزنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش دەرىجىسى خەلقئارالىق JNPئۆتكىلىدىن تولۇق ئۆتۈپ ، سېخلىرىمىزدا 100مىڭ دەرىجىدە تازىلانغان شەكسىز پاكىز مۇھىت بارلىققا كېلىپ ، تىببىي ساھەدە مەخسۇس كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك دورىلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئاكتىۋال ھالەت بارلىققا كەلدى .
     


     
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق يەككە تىجارەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ ئەپەندى شىركەت توغرىسىدا ۋە ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى توغرىسىدا قىسقىچە سۆز قىلدى
     

     
     
      ئارقىدىن، مائارىپ ئىدارىسىدىن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم ئىقتىسادنىڭ چىكىنگەنلىكى ۋە پۇل تېپىشتىكى مەقسەت زادى نىمە توغرىسىدا سۆز قىلدى

     
     
    قەمىردىن ئەپەندى  كارخانا مەدەنىيىتى  ۋە ساغلام تەرەقىي قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە قىممەتلىك لىكسىيە سۆزلەپ بەردى.






     



    تويلۇق شىركىتىنىڭ لېدىرى ئوبۇل ھاشىم ئەپەندىم ۋە كارۋان تورىنىڭ مەسئۇلى لۇتپۇللا ئازاد ئەپەندىم 







    ئۇلىنىش ۋە نۇر تورىنىڭ مەسئۇلى نىزامىدىن ئەپەندى











     
     
    خۇلاسە يىغىنىدىن كېيىن، خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك سەنئەتكارى سەنۇبەر تۇرسۇن ئۆزىنىڭ مۇڭ كۈيلىرىنى شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ «2017-يىللىق يېڭى يىل كېچىلىكى» دە كېچىلىككە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارغا سۇندى، شۇنداقلا سەبىيلەر شىركىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

     








      ئاخىرىدا نەغمە ناۋالار ئىچىدە سەبىلەر يېڭى يىل كىچىسى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى. ئىشىنىمىز  شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپى تەرەقىيات چەكلىك شىركىتى 2017-يىلغا يېڭىچە قىياپەتتە ئاتلىنىپ، شانلىق تەرەقىياتلارغا ئېرىشكۈسى.

    2016.12.26

فىلىم قىسىملىرى