ناۋا 11-سان
ئارىف شىركىتىنىڭ 2-قارارلىق فىزىكىلىق داۋالاش كۇرسى باشلاندى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-26
كۆرۇلشى :
قىتىم


           شىنجاڭ رايۇنى بويىچە ئىككىنجى قارالىق فىزىكىلىق داۋالاش كۇرسى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتىرگۈل رىستۇراننىڭ بەشىنجى قەۋىتىدە ئېلىپ بېرىلدى، دەرىسكە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىردىن كەلگەن كۇرسانتلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇتقۇچىلار، كارۋان تورى مۇخبىرلىرى ھەم شىركەت خادىملىرى ئالاھىدە قاتناشتى، ئارىف بىيو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئېرپان زەپەر ئەپەندى شىركەت ماھىيتى ۋە تەربىيلەش تەرەقىيات تۈرى بويىچە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەردى. يېڭى كۇرسانتلارنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەپ ، فىزىكىلىق داۋالاش كەسپى ساھەسىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ  جەمئىيىتىمىزگە بىر كىشلىك تۆھپە قوشىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
     

     
         
           شىركەت مۇئاۋىن باش دېرىكتۇرى ،مائارىپ باش نازارەتچىسى دېلنۇر خانىم، 2-قارارلىق كۇرۇستا فېزىكىلىق داۋالاشنىڭ ئىچىدىكى نۇر بىلەن داۋالاش، توك بىلەن داۋالاش ھەم ھۆسۈن گۈزەللەشتۇرۇش قاتارلىق يېڭى تۈرلەرنىڭ قېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ ئۇقو-ئۇقۇتۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى يېڭى پىلانلار ۋە كېلەر قېتىملىق1-،2-  ئايلاردا  ئۆتكۈزىلدىغان كۇچا ناھىيسى ۋە كۇرلا  شەھىردە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

     



    شىركەت ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلى باش دېرىكتۇرى،شاھىمەردان مۇئەللىم فىزىكىلىق داۋالاش سالاھىيەت كىنىشكىسى ۋە كىيىنكى تەرەقىيات نىشانى ھەققىدە كۇرسانتلارغا چۈشەندۈرۈش بەردى.


     
           
        妙艾养生堂  شىركىتىنىڭ  مەسئۇلى   چىڭ ئەپەندى ئارىف شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنىڭ  يۈكسەك ھەم  مۇستەھكەم بولشىنى ۋە تېخمۇ تەرەققى قىلشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولۇپ ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تېخمۇ مۇكەممەل بولغان بىلىم قۇرۇلمىسنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئىچكىرلەپ ئۈگنىشىنى ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


     























     

     








     
        بىز ئاخىرىدا شىنجاڭ ئارىف بىيو-پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ساغلاملىق ساھەسىدە كۆلەملەشكەن ئېچىۋېتىلگەن، جۇڭگو شىنجاڭ ساغلاملىق ساھەسىدىكى باشلامچى بايراقدار كارخانا بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


    كارۋان تورى
    2016.12.26

فىلىم قىسىملىرى