ناۋا 11-سان
سەفىيە-مۇبارەك يېڭى يىل سەنئەت كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-26
كۆرۇلشى :
قىتىم
     
     


         
        شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت ماقالىسى:

       2016-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى جۇلا بەھرىنسا زىياپەت زالىدا ئوكيان تېلېۋىزىيەسى بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق يەككە خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەفىيە خەلقئارا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى نادىر بىر مەيدان كېچىلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بولايلى» تېمىسىدىكى 2017-يىللىق سەفىيە «مۇبارەك يېڭى يىل» سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
     

     

         شىنجاڭ سەفىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدا يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كېچىلىك ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
     

     


          كېچىلىكتە نادىر سەنئەت نومۇرلىرىدىن باشقا شىنجاڭ سەفىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ يىپەك يولى دۆلەت ئۇچۇر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، ئوكيان تېلېۋىزىيەسى بىلەن شىنجاڭ تۆمۈر تۇمشۇق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى، شىنجاڭ ئەنقەرە سودا ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ رۇيدا ئۆي-زىمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئېفرات خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئاشلىق ماي پاي چەكلىك شىركىتى تۇدۇڭخابا رايونى شۆبىسى، خىيال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئايبودەك كىيم-كېچەك شىركىتى، شىنجاڭ كامىران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن دىۋاڭ سودا شەھەرچىسى لېباۋشى تۇرمۇش بۇيۇملىرى مەركىزى قاتارلىق ئالتە شىركەتنىڭ لىدىرلىرى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

        بۇ تۇغقانلار ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، ئورتاق ئىلگىرلەپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى. شىنجاڭ سەفىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە خانىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆزىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان خېرىدارلىرى ھەم ئۆزىگە ياخشى سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان پارتىيە-ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىزلىق ئەلچىلىرى بولغان مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئامانلىقى، خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز جاپا چېكىپ ئىشلەۋاتقان خەلق ساقچىلىرىدىن يېڭى يىللىق ھال سورىدى، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئېسىل نومۇرلاردىن تەڭ ھۇزۇرلىنىپ، كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.
     

     


         شىنجاڭ سەفىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى رايونىمىز خانىم-قىزلىرىنىڭ گۈزەللىك، ئىستېتىك ئېھتىياجلىرىغا ماسلاشقان، يۇقىرى سۈپەت، ئەلا مۇلازىمەت تىجارەت ئەندىزىسى بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن «ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق ماركا» شەرىپىگە ئېرىشكەن گىرىم شىركىتى بولۇپ، شىركەت خادىملىرى يول تاپقاندا، پۇل تاپقاندا خەلقنى ئۇنۇتمىدى. ئەتراپىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا كىشىلەرگە مېھىرلىك قوللىرىنى سۇنۇپ نۇرغۇن قەلىبلەرنى ئىللىتتى.
     


    كېچىلىكتە ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارىپ ئەپەندى ئامىنە خانىمغا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» شەرىپىنى بەردى.
     

     

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈزلۈكسىز مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرى لى مۇئەللىم ئۇنىۋېرسىتىتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان شىركەت لىدىرى ئامىنە خانىمغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «پەخرى ئوقۇتقۇچىسى» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى بەردى.
     

     


    مېھرىبان ساقچىلار خەير-ساخاۋەت ئەترىتى ۋەكىلى مۆمىنجان ئامىنە خانىمغا «مۇنەۋۋەر ھەمكارلاشقۇچى» لەۋھەسىنى بەردى.
     

     

     
       بۇ كېچىلىككە شىنجاڭ سەفىيە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا، رايونىمىز تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەۋاتقان «سەفىيە» شىركىتىنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەم نەتىجىلىرىگە شاھىد بولدى. كېچىلىك يېڭى يىل ئاخشىمى ئوكيان تېلېۋىزىيەسىنىڭ ھەر قايسى قاناللىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
     

     

     

     

فىلىم قىسىملىرى