ناۋا 11-سان
شىنجاڭ زىھال سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2017-يىلدىكى ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-22
كۆرۇلشى :
قىتىم

         

           شىنجاڭ زىھال سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2017-يىلدىكى يېڭى پاسوندىكى ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىش يىغىنى 2016-يىلى 21-دىكابىر ھەرەمباغ شەنبىلىك كۇلۇپتا ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
     شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ رىياسەتچىسى نازىگۈل تۇرسۇن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

     




     


     
    پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەتجان ئىمىن ئەپەندى، ئوتتۇرا كىچىك كارخانا ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى كېرەمجان يۈسۈپ ئەپەندى، دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك كىيىم لايىھىلىگۈچى خانىش ھاپىز خانىم، شىنجاڭ مىراس مەدەنىيەت كىيىم-كېچەكلىرى شىركىتنىڭ لېدىرى قەمىردىن ئەپەندى قاتارلىقلار ئالاھىدە قاتناشتى.
     


    شىنجاڭ << زىھال >> سودا چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ  ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنى بىرلەشتۇرۇش  ئاساسىدا مەقسىتىدە  زىھال ماركىسىدىكى خانىم-قىزلار كىيىم-كېچەكلىرىنى بازارغا سېلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى .

     


     ئوتتۇرا كىچىك كارخانا ئىگىلىك تىكلەش مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى كېرەمجان يۈسۈپ ئەپەندى ئىگىلىك تىكلەشتە ياشلىرىمىزنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە قىممەتلىك لىكسىيە سۆزلىدى




     دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك كىيىم لايىھىلىگۈچى خانىش ھاپىز خانىم، زىھال شىركىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىپ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى





     

     


     
         شىركەت لېدىرى قاسىمجان ئەپەندى خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خانىم-قىزلىرىمىز ياخشى كۆرىدىغان رەڭ، گۈل ۋە نۇسخىلارنى يىغىپ توپلىدى. شۇنداقلا دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى داڭلىق لايىھىلىگۈچى ۋە مۇتەخەسىسلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەجىربە ئۆگۈنۈپ تېخىمۇ ياخشى بولغان لايىھىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش يولىدا توختىماي ئىزدەندى.
     

     

     

     

     

     


     

     

     

     

     

     

     






    شىركەت دېرىكتورى نىجات شاۋكەت ئەپەندى خۇلاسە سۆزى قىلىپ، ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈچۈن شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى


     








     
    پائالىيەت ئاخىرىدا ئارتىسلارنىڭ شوخ ناخشا مۇزىكىلىرى بىلەن پائالىيەت كۆڭۈللۈك ئاياقلاشتى.









     
     زىھال دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى چىچەك، دىمەك بۇ چىچەكنى گۈلگە ئايلاندۇرۇپ، خۇش پۇراق چىچىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقان شىركەت لېدىرى قاسىمجان ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا بارلىق ئەزالار توختىماي زىھال ئۈچۈن تىرىشماقتا ۋە  يېڭى يىپەك يولىدا كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىپ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.
    بىز ئاخىرىدا شىنجاڭ زىھال سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەقىيات مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق، ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىشىنى تىلەيمىز.


    2016.12.22
    كارۋان تورى

     

فىلىم قىسىملىرى