ناۋا 11-سان
نەزىفە شىركىتى زىيانسىز يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-21
كۆرۇلشى :
قىتىم







    نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتو خەۋىرى :

    2016-يىلى 18-دېكابىر ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار زىياپەت زالىدا نەزىفە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش ئاخبارات يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يىغىنغا جامائەت ئەربابلىرى، ھەر ساھەدىكى كارخانىچىلار، نەزىفە شىركىتىنىڭ جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرى، شۇنداقلا تاراتقۇلار قاتناشتى.

    يىغىنغا شەمسىيە ئەبەيدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئەڭ ئاۋۋال نەزىفە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مۇھەممەتجان يۈسۈپ ئەپەندى شىركەت تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

    ئارقىدىنلا ئىسھاق سۇلايمان (مالىك بەكتۇر) ئائىلىسىنىڭ نەزىفە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقى جاكارلاندى.

    نەزىفە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى شاھزادە خانىم شىركەتنىڭ يېڭى تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى.

     

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەنگلىيە بېرمىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۆزتۈر مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەت ياسىن ئەپەندى سۆز قىلدى.

    كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ ئىزدەن كارخانا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەت سۇلايمان ئىزدەن مۇئەللىم سۆز قىلدى.

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ئىگىلىك تىكلەش جەمئىيىتىنىڭ باش نازارەتچىسى، توقسۇ ناھىيىلىك يېڭى ئەسىر باسما زاۋۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى خەلچەم ھاشىم خانىم سۆز قىلدى.

    سەزگۈ مالىيە-بوغالتىرلىق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمان سەزگۈ مۇئەللىم سۆز قىلدى.

    شىنجاڭ نەزىفە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىككى تۈردىكى مەھسۇلاتتىن كېڭىيىپ، قىسقىغىنە ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھازىرقى يۇقىرى سۈپەتلىك، زىيانسىز، كۆركەم 200 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات چىقىرىش ئۈنۈمىگە يەتتى.

    بۇ قېتىملىق يىغىندا مەھسۇلاتلار نەق مەيداندا خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەھسۇلاتنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئالاھىدىلىكى كەڭ خەلقنى سۆيۈندۈردى.

    ئالاقىلىشىش نومۇرى :

    18999993771

    18199848882

    شىركەت مۇئاۋىن دېرىكتورى شاھزادە خانىم مۇنداق دېدى :

    قازان، قاچا-قۇچا، چوكا قوشۇق قاتارلىق ئاشخانا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئادەم بەدىنى ھەزىم سېستىمىسى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، قاچا قۇچا قازان چوكا ئاشخانا بۇيۇملىرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى سىر قەۋىتىنىڭ زىيانلىقلىق دەرىجىسى، سىر تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال ۋە باشقا قوغۇشۇن، سىماپ، كادمىنغا ئوخشاش خىمىيىلىك ئېلىمىنتلارنىڭ مەھسۇلاتنىڭ دىۋارىنىڭ قىززىشى سەۋەبىدىن، يىمەكلىك ئۇسۇلغاندا خىمىيىلىك رىئاكسىيە، ئىئون قويۇپ بېرىش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن سىماپ قوغۇشۇن، كادمىن قاتارلىق زەھەرلىك ئېلىمىنتلار بىۋاستە ئادەم بەدىنىنىڭ ھەزىم سېستىمىسىغا كىرىپ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    ئېغىر بولغاندا، قان ئايلىنىش سېستىمىسى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، پارالىچلىق، بۆرەك جىگەر تال سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پايدا قىلىدۇ. بەدەندىكى ئۈزلۈكسىز سرتتىن كىرگەن يات ماددىلارغا مۇداپىئە سېستىمىسى ئۈزلۈكسىز بەدەندە شەكىللەنگەچكە، ئاق قان ھۈجەيرىسى كۆپلەپ پەيدا بولۇپ، بەدەن تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ دە، ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولىدۇ. ئومومى بەدەن ئىممونت سېستىمىسى تۆۋەنلەش، ھەرخىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، بالىلاردىكى جۇغى كىچىكلىك،ئاسان ئاغرىش، ئۇستىخىنى قىززىش، كېچىدە سەۋەپسىز يىغلاش،ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللا كېلىپ چىقىدۇ.

    نەزىفە ئاشخانا بۇيۇملىرى رەڭ جەھەتتىن خىلمۇخىل. ئۇنداقتا نەزىفە تۇرمۇش بويۇملىرىچۇ، زىيانسىز بولىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    مەھسۇلات ئىشلىنىش جەريانى : بارلىق ساپال بويۇملار

    1. ئاۋۋال لايدىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن دەسلەپكى قەدەمدە،خۇمداندىن ئۆتكۈزىلىدۇ.

    ئىككىنجى قەدەمدىكى خۇمداندىن ئۆتكۈزۈلۈش

    200.1 گرادۇستىن 300 گرادۇسقىچە تېمپراتۇرىدا خۇمداندىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئېرىش نۇقتىسى 300~200 بولغان سىر تەركىبىدىكى جاھىل خىمىيىلىك ئېلىمىنتلار ئېرىمەيدۇ. بۇ خىل ساپال بويۇملار تېز پۈتىدۇ، باھاسى ئەرزان. كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئوخشاش.

    2. 700~800 گرادۇسقىچە تېمپراتۇرىدا خۇمداندىن ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇۋاقىتتا خىمىيىلىك ئېلىمىنتلار ئېرىشى مۇمكىن. ئەمما مۇتلەق ئەمەس. بۇ تۈردىكى ساپال قاچىلار نىسبەتەن سۈپەتلىك. باھاسى ئەرزان. كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئوخشاش.

    3. 1200~1250 گرادۇسقىچە تېمپراتۇرىدا خۇمداندىن ئۆتكۈزىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا خىمىيىلىك ئېلىمىنتلار مۇتلەق پارچىلىنىپ، پارغا ئايلىنىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتا ئەڭ سرتقى قەۋىتىگە زىيانسىز يېيىشكىمۇ بولىدىغان ھەل قەۋىتى بېرىلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي زىيانسىز، يۇقىرى سۈپەتلىك نەزىفە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىنىش جەريانى بولۇپ، تەننەرخى يۇقىرىراق، ئەمما مۇتلەق زىيانسىز بولۇپ مەيدانغا كېلىدۇ.

فىلىم قىسىملىرى