ناۋا 11-سان
ۋىييىڭ گوروھى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى.
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-20
كۆرۇلشى :
قىتىم
     



           ۋىييىڭ گوروھى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە ۋىييىڭ گوروھى پايچېكىنىڭ ئامېرىكا ناسىلدات پايچېكا بازىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقنى مۇبارەكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن  2016 -يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇۋ شەھىرىدە ئۇنتۇلغۇسىز 2كۈنلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
    ۋىييىڭ گوروھى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ لېدىرى ماھىرە ئەركىن، باش دېرىكتورى پەرىدە يولۋاس قاتارلىقلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شىنجاڭدىن بارغان  شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ماھىر گۇرۇپپىسىنىڭ 50گە يىقىن ئەزالىرى ۋە كارۋان تورىنىڭ مۇخبىرىمۇبۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئالاھىدە قاتناشتى.
    بىرىنچى كۈنى ئەتتىگەن گۇاڭجۇۋ بەي يۈن يىغىن مەركىزىدە پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
    مۇراسىمدا تور سودا ئەندىزىسى ۋە 2017-يىلدىكى ۋىييىڭ گوروھىنىڭ تەرەقىيات پىلانلىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى. مۇھىم مەزمۇنلاردىن كىيىن سەرخىل سەنئەت نومۇرلار پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈردى.
     ۋىييىڭ گوروھىنىڭ باش لېدىرى لىيۇۋ شىڭلۇڭ ئەپەندى، باش دېرىكتور كاڭ يۇڭخۇا ئەپەندى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سەھنىگە چىقىپ، ۋىييىڭ گوروھىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە 2 يىل جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرى شۇنداقلا 2017-يىلدىكى تەرەققىيات نىشانلىرىنى بارلىق ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
    ھەممىنى ھاياجانغا سالغىنى نەق مەيداندا يەنە 500مىڭ ئەتراپىدا ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ماھىر گۇرۇپپىسىدىن پاتىمە ھەقسىز دۈبەي ساياھىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
    پائالىيەتنىڭ 2-كۈنى گۇاڭجۇۋ  تەنتەربىيە سارىيىدا ھەممەيلەن تەققاززارلىق بىلەنن كۈتكەن داڭلىق چولپانلار ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى، كېچىلىككە خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى لى رۈي رىياسەتچىلىك قىلدى.
    داڭلىق چولپانلاردىن ۋاڭ فىڭ، جىياڭ يىرۇڭ ۋە كورىيە داڭلىق چولپانلىرى ئۆزلىرىنىڭ نادىر ناخشا مۇزىكىلىرىنى مەستانىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.
    ئارقىدىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك،  تۆھپىسى چوڭ بولغان ھەمكارلاشقۇچىلارنى دۈبەي ھەقسىز ساياھىتى، بېيجىڭ ئۇنۋېرستېتىغا بېرىپ ھەقسىز ئوقۇش ۋە  ئوپپو ماركىلىق تېلفۇن قاتارلىق كاتتا سوۋغىلار بىلەن مۇكاپاتلاندى.
    مۇكاپاتنى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ لېدىرى ماھىرە ئەركىن،  ۋىييىڭ گوروھىنىڭ باش لېدىرىلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇكاپات تارقاتتى ۋە بىرلىكتە خاتىرە سۈرئەتلەرگە
     چۈشتى. ئارقىدىن  شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ لېدىرى ماھىرە ئەركىن نەق مەيداندىكى بارلىق مېھمانلارغا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى يەتكۈزدى.
    ئاخىرىدا كارۋان تورىمىز نامىدىن ۋىييىڭلىقلارنىڭ جۈملىدىن ماھىر گۇرۇپپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەقىياتىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.




















     




     

فىلىم قىسىملىرى