ناۋا 11-سان
سەفىيە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نېمە دەيدۇ؟
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-19
كۆرۇلشى :
قىتىم











     

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت ماقالىسى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدا يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ يېڭى يىلنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ «سەفىيە» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خەلقىمىزگە بۇ يىل تېخىمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى نادىر بىر مەيدان سەنئەت كېچىلىكى سوۋغا قىلماقچى بولدى.

      12-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇلا بەھرىنىسا زىياپەت زالىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر سەنئەت كېچىلىكى يەنى «سەفىيە مۇبارەك يېڭى يىل» تېمىسىدىكى يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ «سەفىيە» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئامىنە خانىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆزىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان خېرىدارلىرى ھەم ئۆزىگە ياخشى سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان پارتىيە-ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولدى.

     بۇ كېچىلىكتە شىركەت خادىملىرى ئەتراپىدىكى قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، پاكىزلىق ئەلچىلىرى بولغان مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئامانلىقى، خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەملىكى  ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز جاپا چېكىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سورىماقچى، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئېسىل نومۇرلاردىن تەڭ ھۇزۇرلىنىپ، كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالماقچى بولدى.

      بۇ كېچىلىككە شىنجاڭ «سەفىيە» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا، رايونىمىز تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەۋاتقان «سەفىيە» شىركىتىنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەم نەتىجىلىرىگە شاھىد بولماقچى. كېچىلىك يېڭى يىلدا ئوكيان تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

     

فىلىم قىسىملىرى