ناۋا 11-سان
رەئىسە خەلقئارا سودا-چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلار يىغىنى ئېچىلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-19
كۆرۇلشى :
قىتىم


     


        2016-يىلى 17-دېكابىر، تۇمارىس ئالىي مېھمانخانىسىدا ئۈرۈمچى رەئىسە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ دائىملىق قانۇن مەسلىھەتچىلىك توختامى ئىمزالاش يىغىنى، شۇنداقلا رەئىسە شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلار يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى.
     


    يىغىنغا شەمسىيە ئەبەيدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى.
     


    پائالىيەتكە رەئىسە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرى، قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى قابىل ئادۋوكاتلار، شۇنداقلا سەنئەتكارلار، كارخانىچى دوستلار، تاراتقۇ ۋەكىللىرى قەدەم تەشرىپ قىلدى.
     


    پائالىيەت داۋامىدا رەئىسە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى رامىلە خانىم سۆز قىلدى.
     


    شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋەلى قاسىم ئەپەندى قاتارلىقلار سۆز قىلدى. 
     


    ئۇندىن سىرت ئىككى ئورۇن يەنە قانۇنىي ھەمكارلىق توختامى ئىمزالاپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
     


    شىنجاڭ رادىيو، كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى، ئەل سۆيگەن تالانتلىق ناخشىچى، ئاكتىيور گۈلباھار روزى شوخ ئۇسسۇللۇق ناخشىسىنى كۆپچىلىككە سۇندى.
     


    سۈرەتتە رەئىسە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رامىلە خانىم ھەمكارلاشقۇچىلارغا گۇۋاھنامە تارقاتماقتا.
     


    سۈرەتتە رامىلە خانىم رەئىسە شاھ خېنىم گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مەرھابا خانىم بىلەن توختام ئىمزالىماقتا.
     


    رامىلە خانىم رەئىسە مىليونېر گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرىنىسا خانىم بىلەن توختام ئىمزالىماقتا.
     

    رامىلە خانىم جاپاكەش ئاتا-ئانىسى ۋە سۆيۈملۈك قېيىنئاتا-قېيىنئاپىسى، شۇنداقلا قوش تىللىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇۋەلى قاسىم ئەپەندى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل سوۋغىسىنى سۇندى.

       رەئىسە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى خانىم-قىزلار گىرىم-بۇيۇملىرىنى توردا سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شىركەت قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە رەئىسە شىركىتى بازارغا سالغان گىرىم-بۇيۇملىرى خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، رەئىسە شىركىتىگە ۋاكالەتچى بولغانلارنىڭمۇ سانى كۈنسېرى زورايدى.
     

     

فىلىم قىسىملىرى