ناۋا 11-سان
«تەسەۋۋۇر» ئۆزگىچە ئوبراز لايىھىلەش مۇسابىقىسى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-15
كۆرۇلشى :
قىتىم
     


       
         ھەر ساھەدىكى ھۈنەرۋەنلەر دەۋرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كەسىپلىشىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە، ساتىراشچىلىق، ھۆسىن تۈزەش، گىرىم قىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇلازىمەت ئورۇنلىرى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۈزەللىكنى سۆيگۈچىلەرنىڭ ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى بىلەن گۈزەللىك قارىشى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.

    قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىۋاتقان شىنجاڭ تەسەۋۋۇر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆڭكۆۋرۈك تىياتىرخانىسىدا8
    -نۆۋەتلىك كەسىپداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.


         يىغىنغا پېشقەدەم خەتتات نىياز كېرەم شەرقىي، رېژىسسور، شائىر ھاجى مۇختەر بۇغرا قاتارلىق جامائەت ئەربابلىرى، ئۇستازلار، كارخانىچىلار، چاچ ياساش-ھۆسىن تۈزەش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، شۇنداقلا تاراتقۇلار قاتناشتى.
     


    يىغىنغا ئىسھاق سۇلايمان (مالىك بەكتۇر) رىياسەتچىلىك قىلدى.
     

     

     
          تەسەۋۋۇر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ئابلىكىم ئابلا ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ۋە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنى مېھمانلار بىلەن ئورتاقلاشتى
    ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىنكى كەسپىي ھاياتىدا كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تىخىمۇ كۆپ بولغان كەسپىي بىلىملەرنى قالدۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
     


     جامائەت ئەربابى، داڭلىق شائىر ھاجى مۇختار بۇغرا ئەپەندى مېھىر مۇھەببەت ھەققىدە ئەھمىيەتلىك لىكسىيە سۆزلەپ بەردى.



    پائالىيەت جەريانىدا يەنە نەق مەيداندا يۇقىرى سەۋىيە، خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە لايىھەلەنگەن چاچ ۋە گىرىم پاسونلىرى مېھمانلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلۇپ، كەسپىي ئۇستازلارنىڭ ئىنچىكە، ئادىل باھالىشى بىلەن دەرىجىگە ئايرىلىپ مۇكاپاتلاندى.
     


    ئاخىرىدا ئوغۇللار گۇرۇپپىسى بىلەن قىزلار گۇرۇپپىسىدىن بىردىن چېمپىيون تاللاپ چىقىلدى.

    (ئىلاۋە : يۇقارقى سۈرەتتىكى ئوبرازلار پەقەت ۋە پەقەت مەزكۇر مۇسابىقە ئۈچۈنلا لايىھىلەندى، سۈرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئادەتتىكى يۈرۈش-تۇرۇشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.)
     


     

          شىنجاڭ تەسەۋۋۇر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى 2015-يىلى چاچ لايىھەلەش كەسپىدە 25 يىللىق مول تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەن ئابلىكىم مۇئەللىمنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ،  شىركەت ئابلىكىم مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ساتىراچخانا مۇلازىمىتىدىن سىرت ھەر قايسى كەسپى مەكتەپلەردە، تەسەۋۋۇر چاچ لايىھەلەش تەربىيەلەش مەركىزدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق چاچ لايىھەلەش ئۇستىسنى تەربىيەلەپ دۇكان ئېچىش ئىقتىدارغا ئىگە قىلدى. 2007-يىلى ئاددىي كىچىك بىر ساتىراچخانىدىن تەرەققىي قىلىپ 2009-يىلغا كەلگەندە چاچ لايىھەلەشنى مۇنتىزىم تەربىيەلەيدىغان قوشۇننى شەكىللەندۈرگەن، ھازىر چاچ پاسون تەتقىقات مەركىزى، چاچ لايىھەلەشنى تەربىيەلەش مەركىزى، چاچ مەھسۇلاتلىرنى توپ تارقىتىش تاللا بازىرى، ساتىراچخانا ئېچىش مەسلىھەت مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق تۈرلەردە مۇنتىزىم مۇلازىمەت قىلىپ تەرەققى قىلۋاتقان ساتىراشچىلىق، ھۆسىن تۈزەش، گىرىم قىلىش پەرداز قىلىش، دۇكان باشقۇرۇش، ساتىراش ئۇستاملارنى تەربىيەلەش، شاگىرت تەربىيەلەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىردىنبىر شىركەت بولۇپ، شىركىتىمىز ئاساسلىقى مۇنتىزىم زەنجىرسىمان ساتىراچخانىلارنى ئېچىش، چاچ لايىھەلەش ساھەسىدە مۇنتىزىم تەربىيەلەش، چاچ ياساش-ھۆسىن تۈزەش كەسپىدە تېخنىكىسى بار، دۇكان ئېچىش ئىقتىدارى يوق بولغان قېرىنداشلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، ساتىراچخانىلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، پاي مەبلەغ بىلەن مۇنتىزىم ساتىراچخانا ئېچىش، ھەر قايسى جايلاردا كەسپىي پائالىيەتلەرنى مۇنتىزىم تەشكىللەش، ساتىراچخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش، تەكلىپ بىلەن جايلاردا كەسپىي دەرس سۆزلەش تۈرلەردە جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

        شىركەت ئۇيغۇر ساتىراچچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن 2012-يىلى گۈزەللىك ۋە ئۇيغۇر ساتىراچلىق ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇيغۇر ساتىراچلىق مەدەنىيىتى تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق كوللىكتىپ يىغىلىشنى روياپقا چىقاردى ھەم ساتىراچلىق كەسپىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئاساس سالدى. 2014-يىلىدىن باشلاپ يىلدا 3 قېتىم كەسىپداشلار سۆھبەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى كەسىپداشلارنىڭ ئىدىيە، مۇلازىمەت، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتتە يېتەكلەش بىلەن تەرەققىيات ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە چوڭ تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى، مۇشۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ھەر قايسى شەھەر-ناھىيەدە سەككىز قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ چاچ ياساش ساھەسىدىكىلەرگە بىر ئىلھام ئېلىپ كەلگەن بولسا، شۇ يەردىكى رەھبەرلەرنىڭ ئالاھدە قوللىشىغا ئېرىشتى.

       شىركەت بۇ تۈردىكى كەسپىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسىي مەقسىتى شۇكى ئۇيغۇر ساتىراچچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى خەلققە بىلدۈرۈش ۋە مۇلازىمەت، تېخنىكا جەھەتتە يۇقۇرى ساپا بىلەن كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ساتىراچلىق مەدەنيىتىمىزنىڭ يۇقۇرى ئىقتىدارلىرنى قالدۇرۇش، شۇنداقلا ساتىراچلىق كەسپىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
     


        مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، باغۋەنچىلىك، ئۆرۈپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك تۈرلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ  بارغان پىشقەدەم ئۇستاز ئىبراھىم رېھىم ئەپەندى ساتىراشچىلىق كەسپىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە ئەلمىساقتىن تارتىپ ئۇلۇغلىنىپ كەلگەنلىكى، بۇرۇنقى ساتىراشچىلىق كەسپىي  بىلەن ھازىرقى ساتىراشچىلىق كەسپىنىڭ پەرقىي ۋە تەرەقىياتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 
     



     



     

     


     


     


     



    ئوبراز لايىھىلەشتىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە كۈچ قوشۇپ كەلگەن ۋە  10نەچچە يىللىق كەسىپ تەجىرىبىسىگە ئىگە ئۇستازلار تەغدىرلەندى.

     

     





    قەشقەر تارماق دۇكاننىڭ خوجايىنى شۇنداقلا ئابلىكىم ئۇستازنىڭ شاگىرىتى ئابدۇۋاھاپ ئەپەندى ئۇستازىغا تون كىيگۈزدى
     


    ئۇنىڭدىن باشقا شاگىرىتلارمۇ ئۇستازىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇستازىغا كۆڭۈل سوۋغىلىرنى تەغدىم ئەتتى.













     









         
        كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ بىرىدىغان، سىزنى گۈزەل تەسەۋۋۇر دۇنياغا باشلاپ كىرىدىغان بۇ لايىھەلەردىن  چاچ ياساش، گىرىم قىلىش، ئوبراز لايىھىلەش كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارالىق سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    ئاخىرىدا شىنجاڭ تەسەۋۋۇر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ گۈزەللىك سۆيگۈچىلەرنىڭ ئۆزگىچە لايىھە، مىللىي خاسلىق، زامانىۋىي ئالاھىدىلىكنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ، گۈزەللىككە بولغان تەلىپىنى داۋاملىق ئورۇنداپ تۇرىشىنى ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
     
    2016.12.15

فىلىم قىسىملىرى