ناۋا 11-سان
كائىنات شىركىتى 50 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-14
كۆرۇلشى :
قىتىم





     

     كارۋان تورى خەۋىرى، نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتوسى:
      2016-يىلى 13-دېكابىر كائىنات شىركىتى يېقىندا ئۇيۇشتۇرغان «كائىنات ئۈندىدار سالونى 50 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتلىق پائالىيىتى» نىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلدى.

     



     

        كائىنات شىركىتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قېتىمقى كائىنات ئۈندىدار سالونى 50 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىپ، 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىشەنچىلىك دەرىجسى ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان ھەم مۇكاپاتلانغان ئادەم سانى ئالاھىدە كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇكاپاتلىق پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەتكە قاتنىشىپ مۇكاپاتلانغان ئادەم سانى 200 دىن ئاشىدۇ.
     

       
         كائىنات شىركىتى ئويۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان كائىنات شىركىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئېرىشكەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپات 55 دىيۇملۇق تېلېۋىزور، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ئايلانما سىلىندىرلىق كىرئالغۇ، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات ئاپتوماتىك كىرئالغۇ، 4-دەرىجىلىك مۇكاپات ئاسما پار دەزمال، 5-دەرىجىلىك مۇكاپات دوخۇپكا، 6-دەرىجىلىك مۇكاپات توك قازان، 7-دەرىجىلىك مۇكاپات پار دەزمال، 8-دەرىجىلىك مۇكاپات ساقال ئېلىش ماشىنىسى قاتارلىق مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

     

       كائىنات سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ماركىدىكى ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى ۋە ھەشەمەتلىك ئۆي جاھازىلىرىنى ھەم كائىنات قوي يۇڭى گىلىمىنى توپ ۋە پارچە سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، خوتەن شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىكى گۈلباغ سودا بىناسىغا جايلاشقان كارخانا بولۇپ 2011-يىلى10-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان.

       شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەلا مۇلازىمىتى، يۇقىرى سۈپىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ «گۈزەل تۇرمۇش، گۈزەل كېلەچەك» شوئارىنى ئۆزىگە نىشان قىلىپ راستچىللىق، ئەمەلىيەتچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ئەل رايىنى مايىل قىلىپ، كەڭ كونا-يېڭى خېرىدارلارنىڭ، دوست بۇرادەرلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن شىركەت تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، يېڭىدىن گۈلباغ سودا سارىيى 4-قەۋەتكە 4 مىڭ كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى ئۆي جاھازىلىرى تارماق شىركىتى ھەم كائىنات قوي يۇڭى گىلەم زاۋۇتىنى قۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىشسىزلىق يۈكىنى يېنىكلىتپ، كۆپلەپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلىرىمىزدىن 400 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلارشتۇردى، شىركەت تەجرىبە ساۋاقنى يەكۈنلەپ سۈپەت ۋە سېتىشتىن كېيىنىكى مۇلازىمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ «كائىنات» ماركىسىغا بولغان ئىشەنچ دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
     


     

          نۆۋەتتە شىركىتىمىز تەرەققىي قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بازار ئېچىش مەقسىتىدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ «كائىنات» ماركىسىنى ئاپتونوم رايونىمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەم پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى ۋە ئۆي جاھازىلىرىغا نىسبەتەن سېتىش قىزغىنلىقى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا بىر شىركەت تۈزۈمى ئاستىدا، مال سېتىش جەھەتتىن تەربىيلەش، باش شىركەت ۋاكالىتەن ئېلان-تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، پائالىيەت قىلشقا تەشكىللەش ۋە ياردەملىشىش، سوۋغاتلىق ماللارنى ئەكەلدۈرۈپ بېرىش، دۇكان بېزەش ۋە لاھىيە بىلەن تەمىنلەش ......قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمان قىلىدۇ، شىركىتىمىز ھەمكارلاشقۇچى تارماق دۇكانلارنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتتىن مەبلەغ سېلىشقا قۇربى يېتىدىغان ئەمما تېخنىكا ياكى كەسىپ جەھەتتىن قىينىلىپ قېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا توغرا چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە بىرلىكتە تەڭ ھەمكارلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىدۇ. ھەمدە كەڭ كونا يېڭى خېرىدارلىرىمىز ھەم ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز ئۈچۈن شىركىتىمىز بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
     



     







     

فىلىم قىسىملىرى