ناۋا 11-سان
5-نۆۋەتلىك ئاسپىرانت قىزلار «ئۆزتۈرك مۇكاپاتى» تارقىتىلدى
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
2015
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-12
كۆرۇلشى :
قىتىم
     


    كارۋان تورى خەۋىرى، نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتوسى:

    2016-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى «خەلقئارا چوڭ بازار مەرىكە زالى» دا شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى بىرلىشىپ تەسىس قىلغان، شىنجاڭ ئۆزتۈر مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى تەشكىللىگەن «5-نۆۋەتلىك ئاسپىرانت قىزلار "ئۆزتۈرك مۇكاپاتى" تارقىتىش مۇراسىمى» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
     


     

          پائالىيەتكە جامائەت ئەربابلىرى، ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئۇستازلار، كارخانىچىلار ۋە ھەرساھە كىشىلىرى قاتناشقان بولۇپ، 400 نەپەر ئىلتىماس قىلغۇچى ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان 10 نەپەر خانىم-قىز «ئۆزتۈرك مۇكاپاتى» ساھىبى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىپ، باھالىغۇچى ئۇستازلىرىنىڭ قولىدىن مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
    شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2012-يىلى شىنجاڭ ئانا-بالىلار تەرەقىيات فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ تۇنجى نۆۋەتلىك "خانىم-قىزلار ئۆزتۈرك مۇكاپاتى" تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ بەش يىل جەريانىدا ئىزچىل تۈردە ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس ئارقىلىق ئىلىمخۇمار خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئىلىم ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىشى ۋە بىلىم يۇرتلىرىدا تېخىمۇ مول بولغان بىلىملەرنى تەھسىل قىلىپ، جەمئىيىتىمىزگە جۈملىدىن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشىشى ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن.
        پائالىيەت جەريانىدا جۈمەخۇن فوتو سۈرئەتخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى جۈمەخۇن ئاقبەگ ئەپەندى شىركەت دېرىكتورى ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە ئۆزى تارتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بەدىئىي سۈرئىتىنى سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭدىن سىرت پائالىيەتكە قاتناشقان تەكلىپلىك مېھمانلار ئابدۇلئەزىز ئەپەندىگە كۆڭۈل سوۋغا سۈپىتىدە تون كىيگۈزدى ۋە سوۋغاتلارنى ھەدىيە قىلدى.
       پائالىيەت ئاخىرىدا «ئۆزتۈرك مۇكاپاتى» ساھىپلىرىنى تاللاپ چىققان پروففېسورلار ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 10نەپەر خانىم-قىزلار بىلەن خاتىرە سۈرئەتكە چۈشتى.
      جەمئىيىتىمىزدە ساپالىق، بىلىملىك خانىم-قىزلىرىمىز قانچە كۆپەيسە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىمۇ شۇنچە پارلاق بولىدۇ ئەلۋەتتە
    ئاخىرىدا كارۋان تورىمىز نامىدىن شىنجاڭ ئۆزتۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىياتىغا زور نەتىجىلەرنى تىلەيمىز.




    پائالىيەتتە جامائەت ئەربابلىرىدىن ئىمىن ئەھمەدى، مۇختار بۇغرا قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
     


    ئۆزتۈرك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابدۇلئەزىز ئابدۇقادىر ئەپەندى سۆز قىلدى.
     


    ئۆزتۈرك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش دېرىكتورى قۇربانجان ئەمەت ئەپەندى سۆز قىلدى.
     


    ئۆزتۈر كارخانا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەت ياسىن ئەپەندى سۆز قىلدى.
     


    تۆۋەندە بۇ ئون نەپەر ئاسپىرانت خانىم-قىز مۇكاپات ساھىبىلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى (تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش پات يېقىندا ئۆزتۈرك ئورگان تور بېتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ)
     


    گۈلشەدەم يۇنۇس (ئۇيغۇر، 1982-يىل 6-ئاي)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلەر فاكۇلتېتى قوللىنىشچان ماتېماتىكا كەسپى دوكتورى؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: ئالگېبرالىق ئىپادىلەش نەزەرىيەسى، ھەرخىل ئالگېبرالارنىڭ تۈزگۈچى بازىسىنى تېپىش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشىنى تەتقىق قىلىش.
     


    رابىگۈل ۋەلى (ئۇيغۇر، 1982-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى كەسپى دوكتور ئاسپىرانتى؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل-ئەدەبىياتى
     


     

    رەناگۈل ئابدۇراخمان (ئۇيغۇر، 1985-يىل 1-ئاي)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ۋە خىمىيە سانائىتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئانالىز خىمىيە كەسپى ماگىستىرى؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: نانومېتىر يالتىراق ماتېرىياللىرىنى سىنتېزلاش ۋە ئۇلارنىڭ بىئومىدېتسىنادا ئىشىلىتىلىشى
     


     

    لى سۈي پىڭ (خەنزۇ، 1974-يىل 5-ئاي)، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتى پۇل مۇئامىلە كەسپى دوكتور ئاسپىرانتى؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: جۇڭگو ۋە ئوتتورا ئاسىيا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى
     


     

    خالىدە رەھىمجان (ئۇيغۇر)، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتلاقچىلىق ئىلمى ئىنىستىتۇتى ئوتلاقچىلىق كەسپى دوكتور ئاسپىرانتى؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى ۋە چارۋىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئوت-چۆپ پىششىقلاپ ئىشلەش.

    تاجىگۈل ئابلىكىم (ئۇيغۇر، 1976-يىل 8-ئاي)، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تەتقىقات ئورنىدا ئورگانىك خىمىيە كەسپى مىللىي دورىگەرلىك ۋە ئىرسىي كېسەللىكلەرگە مالىكۇلىلىق دىئاگنوز قويۇش يۆنىلىشى بويىچە دوكتور ئاشتى ئوقۇشىدا؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: ئىككىنچى ئەۋلاد گېننى يېزىپ چىقىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىرسىي كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ھۈجەيرە، ھايۋانات تېنىدە تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش.

    جەۋھەر جېلىل (ئۇيغۇر، 1983-يىل 9-ئاي)، ماتېرىيال فىزىكا ئىلمى دوكتورى (2016-يىل 8-ئايدا پادىشاھ ئابدۇللا پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماتېرىيال فىزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: كومپيۇتېرلىق ھېسابلاش ۋە ئانالىز قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل ماتېرىياللارنىڭ ماگېنتلىق، ئېلېكتىرلىق ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش.

    ۋاڭ سوڭ (خەنزۇ، 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كونتىرول قىلىش ۋە قۇرۇلۇش كەسپى دوكتور ئاسپىرانتى؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: مۇرەككەپ سىستېمىلارنىڭ مودىلىنى تۈزەش، باھالاش ۋە ئۆلچەش.

    مۇيەسسەر تۇردى (ئۇيغۇر، 1987-يىل 5-ئاي)، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ جۇغراپىيە ئىلمى ۋە بايلىق تەتقىقات ئورنىدا مۇھىت ئىلمى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى.

    گۈلمىرە سابىر (ئۇيغۇر، 1983-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى)، گېرمانىيە لايپىنىز يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىئولوگىيەسى ۋە تەبىئىي دورا ئۆسۈملۈكلەر خىمىيەسى تەتقىقات ئورگىنى دوكتور ئاسپىرانتى؛ تەتقىقات يۆنىلىشى: مېدىتسىنا ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ئانتىبىيونىكا ۋە راك كېسەللىكلىرىگە خىمىيەلىك داۋالىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى دورىلارنى، ۋىرۇسقا قارشى يېڭى دورىلارنى ئەڭ ئىلغار گېن قېزىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بايقاپ تېپىش.

     تەپسىلىي پائالىيەت ئۇچۇرى ۋە مۇكاپات ساھىبىلىرى تولۇق تەرجىمىھالى پات ئارىدا ئۆزتۈرك ئورگان تورى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
     



     



     


     


     


     






     

     


     



     

فىلىم قىسىملىرى