ناۋا 11-سان
ﺩﺍﻧﯩﺶ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۆز تىلى
يوللانغان ۋاقتى :
2017-01-04
كۆرۇلشى :
قىتىم


     

    كارۋان تورى ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ:
    2016-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺟﯩﻠﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ, ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ, ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ, ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﺪﻯ.
     
     

    ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﻧﻪﺋﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ, ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﯜﮪﻪﺟﻪﺭ ﺧﺎﻧﯩﻢ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻠﺸﺎﺕ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ, ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ, ﻟﻰ ﯞﯦﻴﭙﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ, ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ 104.7 ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻜﺘﻮﺭﻯ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭ, ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﺍﻧﯩﺶ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻼﺭ, ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.
     

    ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﻪﻟﯩﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ 2016-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
     
     
    ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﻧﻪﺋﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ, ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﻧﯩﺰﺍﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.
     
    ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﺩﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﯜﮪﻪﺟﻪﺭ ﺧﺎﻧﯩﻤﻤﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ, ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.
     

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ 2014-ﻳﯩﻠﻰ 25-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﮪﯩﺮﻯ «ﻳﻪﻧﺌﻪﻥ» ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﯨﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺟﯩﻠﻰ» ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 2-ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ 25-ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﺘﯩﻦ 14 ﻯ, ﭘﯩﺮﺍﻛﺘﯩﻜﺎﻧﺖ ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﺘﯩﻦ 8 ﻯ ﺑﺎﺭ. ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻼﺭ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻰ, ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﻣﻮﻝ, ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﭘﯩﺸﻘﺎﻥ, ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ, ﻗﺎﺑﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﮪﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺩﯦﻠﻮﻻﺭﻏﺎ «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﻟﯩﻖ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.
    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﯦﻠﻮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ, ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮪﻪﻕ–ﺗﻪﻟﻪﭖ ﺩﯦﻠﻮﻟﯩﺮﻯ (ﻧﯩﻜﺎﮪ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﮪﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﻳﻪﺭ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ, ﻗﻪﺭﺯ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ), ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺩﯦﻠﻮﻻﺭ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﯩﻢ ﺩﯦﻠﻮﻟﯩﺮﻯ, ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺩﺍﯞﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ; ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ–ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ, ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ, ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ, ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ; ﺋﻪﺭﺯ, ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ, ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﺶ; ﻗﺎﻧﯘﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ, ﺩﻩﻟﯩﻞ – ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻞ» ﺩﺍ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
     
     

    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯘﺭﭼﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻤﺎﻱ, ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺍﮔﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﮪﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﮪﯚﺟﺠﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ, ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ, ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ, ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ, ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ–ﺳﺎﯞﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﭖ, ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻻ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ, ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ ﯞﻩ ﺩﻩﯞﺍﻻﺷﻘﯘﭼﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ, ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﮪﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﺪﻯ.
    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﺩﺍﻧﯩﺶ» ﺋﺎﺩﻭﯞﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ:
    8538330-0991 / 8557330 -0991
    13999963649
     

فىلىم قىسىملىرى