ناۋا 11-سان
ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﻰ ﻛﯚﻛﺘﯘﻟﭙﺎﺭ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺳﯘﻧﻤﺎﻗﭽﻰ
باش رولچى :
ھالىتى :
تاماملانغان
ئىشلەنگەن يىل :
1950
رېژىسسور:
فىلىم تىلى :
ئۇيغۇرچە
يوللانغان ۋاقتى :
2016-12-28
كۆرۇلشى :
قىتىم

    2016-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 26-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺴﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ 2-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ «ﻛﯚﺭﻙ» ﻣﯩﻜﺮﻭ ﻛﯩﻨﻮ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﻛﯚﻛﺘﯘﻟﭙﺎﺭﻧﯩﯔ «ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻣﻮﻧﺘﺎﮊ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ.

    ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮪﻪﺩﯨﻘﻰ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﻧﺎﻣﺪﺍﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺠﺎﻥ ﺯﯗﻧﯘﻥ, ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺭﻭﺯﻯ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ, ﺗﺎﺵ ﻣﺎﻣﯘﺕ, ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺳﺎﻳﯩﻢ, ﻓﯩﺮﺩﻩﯞﺱ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ, ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ, ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻛﯧﺮﯨﻢ ﺷﻪﺭﻗﻰ, ﺗﯧﻠﯧﮕﯩﺮﺍﻑ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﯞﻩ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺧﻪﺗﺘﺎﺕ ﻛﯧﺮﻩﻡ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ «ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻣﻮﻧﺘﺎﮊ» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﯩﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

    ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ 20 ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ, ﻣﯩﻜﺮﻭ ﻛﯩﻨﻮ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﻳﺎﺵ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻣﻮﻧﺘﺎﮊ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﮪﻪﺩﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ.

    ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, 11 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ, ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ, «ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ», «ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﻥ», «ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ», «ﮪﯚﻝ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ», «ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ»... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ, ﺯﻭﺭ ﺋﯘﺗﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ.

    ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ-ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﻛﯚﻛﺘﯘﻟﭙﺎﺭ» ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ.

    ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮪﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ, ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ 150 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.

    ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ ﮪﯚﺳﯩﻨﺨﻪﺕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

    ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﺪﯨﻦ «ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ», «ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ», «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ, ﻛﯩﻨﻮ, ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ», «ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ», «ﭼﯩﻤﻪﻧﺰﺍﺭ ﺗﻮﺭﻯ», «ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﻯ», «ﻣﯩﺴﺮﺍﻧﯩﻢ ﺗﻮﺭﻯ», «ﺋﯩﺰﺩﻩﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.

    ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ 2017- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 20 ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯩﻜﺮﻭ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﮪﯧﻜﺎﻳﻪ ﻓﯩﻠﯩﻢ «ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻥ ﺭﻭﮪ», 7 ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﻴﻪﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﺭﺗﯘﻥ ﻓﯩﻠﯩﻢ «ﭼﯩﻦ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ» ﯞﻩ «ﻛﯚﻛﺘﯘﻟﭙﺎﺭ» ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ «ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﻰ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

    ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯧﻠﻰ ﻛﯚﻛﺘﯘﻟﭙﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

فىلىم قىسىملىرى